مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 قىسىملىق مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم «يۈز يىللىق تاۋلىنىش: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى

2020.09.11 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 100 قىسىملىق مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم «يۈز يىللىق تاۋلىنىش: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلى» نى ئىجاد قىلىش سۆھبەت يىغىنى ۋە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمى 10- سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم 2021-يىلى 4-ئايدا كۆرسىتىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مىكرو ھۆججەتلىك فىلىمنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە ج ك پ جياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتى بىرلىكتە ئىشلەيدىغان بولۇپ قىسقا، كىچىك، سەرخىل، كەسكىن بولغان قىسقا سىن شەكلى قوللىنىلىپ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى 100 مۇھىم ئىش تاللىنىپ، 100 تارىخىي ھېكايە ئارقىلىق يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىكەن.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ مىكرو ھۆججەتلىك فىلىم ھەقىقەتنىڭ كۈچى، ئېتىقادنىڭ كۈچى، ئىرادىنىڭ كۈچى، ئەخلاقنىڭ كۈچىنى روھ قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالىيجاناب روھىنى نامايان قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنىڭ «تارىخ ئارقىلىق ھازىرقىنى ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنى، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈر تاماشىبىنلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ