مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمىمىزنى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدۈرەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.09.10 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئۆزگەرتىشكە، جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، جۇڭگو خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!» يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك نەتىجە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  1840-يىلىدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاقارەتلىك تارىخىغا نەزەر سالساق، تۈپ سەۋەب شۇكى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاپالمىدۇق. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى − جۇڭخۇا مىللىتى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېغىر كىرىزىستىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەن تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، قەدىمىي جۇڭگونىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشتەك تارىخىي يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشتى.

  ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − 1840-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ جياۋۇ ئۇرۇشىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدىكى باشقا سىناقلىرىنىڭ ھەممىسى تامغا ئۈسۈپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن چىقارغان تارىخىي تاللىشىدۇر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقى مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيەتتۇر. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش − دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرا، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك شەرت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ