مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇيياڭدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش كىرىمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى

2020.09.11 18:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى گۈيياڭ شەھىرىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى كىرىمى 109 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكەن، بۇ، شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمىدىن 6000 يۈەن يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق خىزمەت نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلىدىن باشلاپ، گۇيياڭ شەھىرى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى، مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىم سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان. «گۇيياڭ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ (بالىلار باغچىسى) ئوقۇتقۇچىلىرىغا نىشانلىق باھالاش مۇكاپاتى تارقىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە «گۇيياڭ شەھىرىنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇشنى باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىشان مۇكاپاتىنى قاتتىق نەقلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەمۇرلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە ھېسابلاش، ئوخشاش باھالاپ نەقلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلغان. 2018-يىلىدىن باشلاپ شەھەر بويىچە ھەر يىلى مائارىپ خامچوت مەبلىغىدىن 1 مىليارد 400 مىليون يۈەن كۆپەيتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتى، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەر قايسى رايون (شەھەر، ناھىيە) لىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىللىق نىشانلىق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، قەرەللىك ھەيدەكچىلىك ۋە تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تولۇق ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ