مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

2020.09.10 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 36-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە «دەرس توختىتىش، ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق، ئۆگىتىشنى توختاتماسلىق» تىن ئىبارەت ئىككى سەپتە كۈرەش قىلىپ، مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك توردا ئوقۇتۇشقا تىرەك بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار مېھىر-شەپقىتى ۋە ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇپ، تۈمەنلىگەن يېزا-كەنت بالىلىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئارزۇسىنى يورۇتۇپ، ھازىرقى زامان خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ