مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز توي قىلغاندا گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ

2020.09.10 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تويلاشقان ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى يەنىمۇ قوغداش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېقىندا بىرلىكتە «يېڭى دەۋردىكى تويلىشىش، ئائىلە يېتەكچىلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى تارقىتىپ، تويدىن بۇرۇن يېتەكچىلىك قىلىش، گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمىنى تىزىملاش تەرتىپىگە كىرگۈزۈش ھەمدە گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمىنى دائىملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تويلىشىش − ئائىلىنىڭ تۈگۈنى، تويلاشقان ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى − خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك. پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تويدىن بۇرۇنقى يېتەكچىلىك قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تويدىن بۇرۇنقى يېتەكچىلىك دەرسىنى ئېچىش، دەرسلىك ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى يېزىش، تويلىشىشنى تىزىملاش زالىدا تەشۋىقات تاختىسى، سىن، ھەقسىز ھەدىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، تويلاشقۇچىلارنىڭ تويلىشىش ھالىتىگە كىرىشكە ياخشى تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تويلىشىشنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىپ، تويلىشىش، ئائىلە ماجىرالىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن ئازايتىشقا تىرىشىش لازىم.

  پىكىرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جايلار توي قىلغانلارغا كىنىشكا تارقىتىش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشى كېرەك، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تويلىشىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى ئاز دېگەندە بىر مۇستەقىل گۇۋاھنامە تارقىتىش زالى تەسىس قىلىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمىنى تويلىشىشنى تىزىملاش تەرتىپىگە كىرگۈزۈش ھەمدە گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇراسىمىنى دائىملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى، تويلاشقانلارنى تويلىشىش قەسىمى ئوقۇش، توي خېتى ئېلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق تەنتەنىلىك، مۇقەددەس مۇراسىمدا تويلاشقانلىقىنى جاكارلاپ، تويلاشقانلارنى تويلىشىش، ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلىشى لازىم.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىكىردە يەنە مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: شارائىتى بار جايلاردا ئۆي سىرتىدا كىنىشكا تارقىتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، يەرلىك رەھبەرلەر، ئىجتىمائىي داڭلىق شەخسلەر توي خېتى تارقىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئادىمىيلەشكەن گۇۋاھنامە تارقىتىش مۇلازىمىتىنى پائال كېڭەيتىش، مەدەنىيەت مەزمۇنى مول بولغان گۇۋاھلىق سۆزىنى لايىھەلەپ، تويلاشقانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئورتاق گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىشقا ئىلھام بېرىشكە بولىدۇ.

  پىكىردە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تويلىشىش، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە تويلىشىشتىن ئاجرىشىشتىكى يېتەكچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تويلىشىشنى تىزىملاش ئورگانلىرى تويلىشىش-ئائىلە يېتەكچىلىك ئىشخانىسى (تويلىشىش- ئائىلە ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسى) ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت مەخسۇس ئورنى تەسىس قىلىپ، تويلىشىشتىن ئاجرىشىشنى ئېغىر بېسىق تۇتۇش مەزگىلىدە ئاجراشقۇچىلارغا قارىتا تويلىشىش كىرىزىسىغا ئارىلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ۋە تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمىنى كېڭەيتىپ، كوللېكتىپ توي مۇراسىمىنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزۈپ، ساغلام، مەدەنىي، ئاددىي، مۇۋاپىق بولغان تويلىشىش ئادىتى مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ