مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.09.10 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-سېنتەبىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى ھارپىسىدا، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، يولداش ۋېييۈەنجاڭنى ھەمدە سىز ئارقىلىق چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى، چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 72 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولداش ۋېييۈەنجاڭ چاۋشيەندىكى پارتىيە ۋە خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشال بولدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ