مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چوڭقۇر ئىلھام، ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر

2020.09.10 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۆتكەن سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىگە بولغان چەكسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى − بوران-چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىسىدۇر؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى − ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرلەرنى يېڭىشنىڭ كۈچ مەنبەسىدۇر؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى − خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتىدۇر؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان توپلىغان مۇستەھكەم دۆلەت كۈچى − دەھشەتلىك دولقۇنغا بىمالال تاقابىل تۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدۇر؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى − كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچتۇر؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىگە بولغان كەڭ چاقىرىق كۈچى − ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىنىڭ توغرا يولىدۇر.

  ئەمەلىيەتتىن كەلگەن چوڭقۇر ئىلھام كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئاڭلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى؛ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، بىزگە تۈرلۈك مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا بىمالال تاقابىل تۇرىدىغان ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئەمەلىيەتتىن كەلگەن چوڭقۇر ئىلھام كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە نامايان بولغان جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىزنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل يەر شارى ماكانىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى؛ ئەمەلىيەتتىن كەلگەن چوڭقۇر ئىلھامنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى ۋە كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

  نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى تېخى بېسىقمىدى، چوڭ سىناق يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز كۈرەش جەريانىدا تاۋلانغان ئىلھامنى توپلىشىمىز، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يېزىشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ