شى جىنپىڭ گېرمانىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشتى

2020.09.15 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى مېركىل، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلەيىن بىلەن بىرلىكتە ئۇچراشتى. ئۇچرىشىش سىنلىق شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو-گېرمانىيە- ياۋروپا رەھبەرلىرى جۇڭگو-گېرمانىيە- ياۋروپا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو- گېرمانىيە-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يۆنىلىش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى بېكىتتى، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سىياسىي قارالمىلارنىڭ مۇۋەپپىيەت قازىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا «جۇڭگو-ياۋروپا جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى»نى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىپ، يىل ئىچىدە سۆھبەتنى تاماملاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جەزملەشتۈردى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى ھەم رەقەم ساھەسىدىكى يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا يېشىل ھەمكارلىق ھەمراھلىق، رەقەم ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى بويىچە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ، يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇردى. ئىنسانلار نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلدى، يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار، ئىككى چوڭ مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنسېرى ئۆزئارا قوللاش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش چوڭ يۆنىلىشىنى شۇنچە پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى شۇنچە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەققانىيەتنى قوغدىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا مۇنداق «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك:

  بىرىنچى، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى يوق، ئوخشىمىغان مەدەنىيلىك، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىللە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزى دائىملىق ھالەت. جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش كۈچى بىر ئۈلۈش مۇستەھكەم بولسا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش كاپالەت كۆپىيىدۇ.

  ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساس قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بازار، ئىككى تەرەپ بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈكلۈكى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ئىككى تەرەپلىك، رايون، يەر شارى قاتلىمىدىن سۆزلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىللە كېڭىشىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  تۆتىنچى، سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى ھەمكارلىق، تەرەققىيات ئاساسىي ئېقىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق خاتا چۈشىنىشنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ