خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 14- سېنتەبىر شىۋېتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى سومارۇگا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىۋىتسارىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بۇرۇن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ «باراۋەر بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش»تەك جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق روھىنى قول تۇتۇشۇپ يېتىلدۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلكىسىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن جۇڭگو- شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، فېدراتسىيە رەئىسى سۇمارۇگا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن، ھەمدە جۇڭگو-شىۋىتسارىيە دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشنىشىنى تىلەيمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ