مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل خەجلەشتە ئاقىلانە بولۇش، پۇل قەرز ئېلىشتا مۇنتىزىم ئورۇندىن ئېلىش، ھوقۇقىنى قوغداشتا ئاقىلانە بولۇش كېرەك

پۇل قەرز ئېلىشتا «قارا ۋاسىتىچى»نىڭ قىلتىقىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

2020.09.14 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «پەقەت كىملىك بولسىلا بولىدۇ، قەرز پۇل شۇ كۈنىلا قولغا تېگىدۇ»، «ئالاھىدە يوللار ئارقىلىق تېز، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىلىدۇ»... يېقىندا، قەرز پۇل كەسپىدىكى بەزى «قارا ۋاسىتىچى»لار تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش شەرتلىرىنى نىقاب قىلىپ، قەرز ئالغۇچىلارنى قەرز ئېلىشقا ئالداپ ئازدۇرغان، ئەگەر پەرق ئېتىشكە دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا ئالدىنىپ قېلىپ، مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، قەرز پۇل ئېلىشتا «قارا ۋاسىتىچى»لارنىڭ بەش خىل قىلتىقىدىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى:

  بىرىنچى قىلتاق: «ئوراش- قاچىلاش قەرزى». «قارا ۋاسىتىچى»لار يالغاندىن ماتېرىيالنى ئوراش ئارقىلىق قەرز ئالغۇچىنىڭ «بانكىدىكى ئېلىم-بېرىمى يېتەرلىك بولماسلىق، كىرىمى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك» قاتارلىق ئىجازەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دەيدۇ، بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ خەۋپ- خەتەر مەۋجۇت: بىرىنچىدىن، ماتېرىيالدا ساختىلىق قىلغانلىقى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدۇ، نەتىجىدە قەرز ئېلىشى رەت قىلىنىدۇ، يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، شەخسىي ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، «قارا ۋاسىتىچى»لار ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ بېرىپ، قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى مۇمكىن.

  ئىككىنچى قىلتاق: «تەستىقلاش ھاجەتسىز». «قارا ۋاسىتىچى»لار ئادەتتە نىشاننى كىرىمى مۇقىم بولمىغان كىشىلەرگە قارىتىدىغان بولۇپ، «بىر مىنۇتتا بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھاجەتسىز»، «كىملىك بولسىلا بولىدۇ، قەرز پۇل شۇ كۈنىلا قولغا تېگىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ. بۇ ساختا ئۇچۇرلاردىن قايمۇقۇپ قالغان قەرز ئالغۇچىلارنىڭ كۆپ ھاللاردا قولىغا ئالىدىغىنى بىر پارچە «يۇقىرى باھالىق» توختام بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.

  ئۈچىنچى قىلتاق: «قەرز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەق ئېلىش». «قارا ۋاسىتىچى»لار تۆۋەن ئۆسۈملۈك، تېز سۈرئەتتە قەرز بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى، قەرز ئالغۇچى قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بەلگىلىك كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ. قەرز ئالغۇچى پۇل تاپشۇرغان ھامان «قارا ۋاسىتىچى» يوقاپ كېتىدۇ. مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى رەسمىي قەرز بېرىشتىن بۇرۇن قەرز ئالغۇچىدىن ھېچقانداق ھەق ئالمايدۇ. «قارا ۋاسىتىچى لارنىڭ ئادەتتە ئەمەلىي كەسپى يوق بولۇپ، قەرز ئالغۇچى تۆلىگەن ھەقلەرنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا ھەر خىل ناملار بىلەن ھەق ئالىدۇ.

  تۆتىنچى قىلتاق: «مۇناسىۋىتىم بار» دەۋالىدۇ. «قارا ۋاسىتىچى»لار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا تونۇشى ياكى مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئاسانلا قەرز ئېلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈمى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، بىراق مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەگەر قەرز ئالغۇچى راست دەپ ئىشىنىپ، ئاتالمىش مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرسا، قەرز ئالالمايلا قالماستىن، يەنە پۇلى ئالداپ كېتىلىدۇ. مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق بولغان قەرز تەكشۈرۈش تەرتىپى بولىدۇ، بۇنى ئىچكى قىسىمدىكى خادىملار ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

  بەشىنچى قىلتاق: «ئىناۋەت ناچار خاتىرىسىنى يۇيۇش». «قارا ۋاسىتىچى» دەپ يالغان ئېيتىپ، پەقەت نەچچە مىڭ يۈەن بىلەنلا شەخسىي ئىناۋەت ناچار خاتىرىسىنى يۇيغىلى بولىدۇ، دەۋالىدۇ، ئىناۋەت گۇۋاھلىقى دوكلاتىنى ئەمەلىيەتتە پەقەت يۇقىرىغا يوللىغان سودا بانكىسىلا ئۆزگەرتەلەيدۇ، تۈزىتەلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئاپپارات ياكى شەخسنىڭ ئۆزگەرتىش ھوقۇقى يوق. ناچار ئىناۋەت خاتىرىسى قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن بارلىق پۇل ۋە جەرىمانە ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولغان بەش يىلدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ