مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشى نېمىشقا تەس؟

___ قىسمەن جايلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەر-ئايال نىسبىتى تەكشى بولماسلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش

2020.09.15 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چېڭدۇ شەھىرى، گۈيياڭ شەھىرىدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى 1:9 بولغان؛ چاڭچۈن شەھىرىدە شەھەر بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەر-ئايال نىسبىتى تەخمىنەن 3:7 بولغان... گەرچە ئوقۇتقۇچىلىق كۈندىن-كۈنگە جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن جايلاردىكى ئاساسىي قاتلام شەھەر-يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ جىنس نىسبىتى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا.

  «ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدىكى رولى خۇددى ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىغا ئوخشايدۇ، بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ». شەرقىي شىمال پېداگوگىكا داشۆسى جۇڭگو يېزا مائارىپ تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شەنخۇەينىڭ قارىشىچە، ئۆسمۈر بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئوخشاش جىنسلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش زىيادە كەمچىل بولسا، بالىلارنىڭ جىنس ئېڭى، خاراكتېر تەپەككۇرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  جۇڭگو مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ چاۋخۇي ۋە زىيارەت قىلىنغان نۇرغۇن مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باتۇر، قەيسەر خاراكتېرى، ئەتراپلىق تەپەككۇرى ۋە پائال قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولى كەم بولسا بولمايدىكەن، ئەر-ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەر- ئاياللىق جىنس نىسبىتى تەكشى بولماسلىق ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. بىرىنچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1- سەپتىكى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوتتۇرا- يۇقىرى دەرىجىلىك ئىش ئورنى قۇرۇلمىسىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، جايلارنىڭ ئىش ئورنى قۇرۇلمىسى نىسبىتى ئىچىدە ئۇنۋان باھالاشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك پېداگوگىكا داشۆلىرىنى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەرلەر پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بېرىشكە جەلپ قىلىنىدۇ.

  سىچۈەندە بۇ يىل ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «ماكانلىشىش قۇرۇلۇشى»، «خاتىرجەملىك قۇرۇلۇشى» باشلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبوروتلۇق ياتاق قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خاتىرجەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىلدى.

  چۇ چاۋخۇي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى باھالاش مېخانىزىمى بىر قەدەر ئاددىي، چۇ چاۋخۇي تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش مېخانىزىمى ئورنىتىش ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسىپ شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش تەكلىپى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ