مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، دورا ۋە قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى

2020.09.11 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10-سېنتەبىر دورا ۋە قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دوختۇرخانا، كارخانا، مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى ۋە يەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دورا ۋە قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىش، «ئۈچ خىل داۋالاش ئىسلاھاتىغا ھەمتۈرتكە بولۇش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ خىزمەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ