مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«پەن-تېخنىكىدا ئىجادچان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە تەكلىپ»لىرىنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.09.14 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 40-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 11-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا ئىجادچان كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسىلىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا ئىجادچان كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە پۇختا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 11 ئەزاسى پەن-تېخنىكىدا ئىجادچان كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەتقىقاتى، مەبلەغ كاپالىتى، سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى، ئىختىساسلىقلار تىرىكى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مەسلىھەت بەردى. يەنە 35 ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى كۆچمە ئادا قىلىش سۇپىسىدا پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئىجادچان كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكىدا ئىجادچان كارخانىلاردا يەنىلا بازار ئىجازىتى ئۆلچىمى يۇقىرى بولۇش، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى تار بولۇش، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى جايىدا بولماسلىق دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ