مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش يېڭى نۇسخىدىكى قوللانمىسىنى ئېلان قىلدى

تۆت خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىن ئەملىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ

2020.09.15 18:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يېقىندا «جۇڭگو تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئەملەش تېخنىكا قوللانمىسى (2020- 2021)» نى ئېلان قىلىپ، تېببىي خادىملار كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى ئاجىز كىشىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر؛ نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى كىشىلەر ۋە باشقا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئالدىن ئەملىشىنى تەۋىسىيە قىلدى.

  كۆرسەتمىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىشى پۈتۈن دۇنيادا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئېغىر كېسەل بىمارلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن، 290 مىڭدىن 650 مىڭغىچە كىشى نەپەس يولى كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ھامىلىدار ئاياللار، بوۋاقلار، ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسەللىكلەر بىمارلىرى قاتارلىق يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپىنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش ۋە ئۆلۈش خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. بولۇپمۇ بۇ يىل دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بىللە تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش − تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، تارقىلىشچان زۇكامغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئېلىپ كېلىدىغان زىيان ۋە داۋالاش بايلىقىنى ئىگىلەشنى ئازايتىدىكەن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارى بويىچە تارقىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆرسەتمىدە تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىن ئەملەش ئوبيېكتى قىلىنىشى تەۋىسىيە قىلىنغان: كىلىنىكىلىق داۋالاش خادىملىرى، ئاممىۋى سەھىيە خادىملىرى، سەھىيە كارانتىن خادىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېببىي خادىملار؛ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈتۈش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلاردىكى ئاجىز كىشىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر؛ نۇقتىلىق سورۇندىكى كىشىلەر توپى، مەسىلەن، يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، تۈرمە- سولاقخانا ئاپپاراتلىرىدىكى قاماقتىكىلەر ۋە خىزمەتچى خادىملار؛ 60 ياشتىن ئاشقان ئۆيدە تۇرىدىغان ياشانغانلار، 6 ئايلىقتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بىمارلىرى، 6 ئايدىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار، شۇنىڭدەك ھامىلىدار ئاياللار ياكى تارقىلىشچان زۇكام مەزگىلىدە ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلانغان ئاياللار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپى ئىكەن. ئالتە ئايلىق ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ ياشلىق ھەمدە پەرھىزى يوق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشكە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ