مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىزچىل تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

خەڭ جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.09.14 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئۈچى تەڭ باشقۇرۇلۇپ، ئۆزئارا قوللاپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىشى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكىلىقى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، بۇ يىلقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ ماكرو سىياسەت بىلەن «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى يولغا قويۇپ ھەم كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىپ ھەم بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىساد ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چارىسىدىن پايدىلىنىپ ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈش ___ بۇ يىلقى ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. مالىيە مەبلىغىنى بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كىرېدىت مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، بولۇپمۇ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، شارائىتىغا قاراپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ