مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەرز پۇل قىلتىقىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

2020.09.14 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «پەقەت كىملىك بولسىلا بولىدۇ، قەرز پۇل شۇ كۈنىلا قولغا تېگىدۇ»، «ئالاھىدە يوللار ئارقىلىق تېز، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىلىدۇ»... يېقىندا، قەرز پۇل كەسپىدىكى بەزى «قارا ۋاسىتىچى»لار تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش شەرتلىرىنى نىقاب قىلىپ، قەرز ئالغۇچىلارنى قەرز ئېلىشقا ئالداپ ئازدۇرغان، ئەگەر پەرق ئېتىشكە دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا ئالدىنىپ قېلىپ، مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان قەرز پۇل قىلتىقىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ بېيجىڭ شەھەرلىك بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توغرا بولغان قەرز ئېلىشتا «ئۈچنى قىلىش، ئۈچنى قىلماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەرز ئېلىشتىكى «قىلتاق» لاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، پۇل خەجلەشتە ئاقىلانە بولۇش، شەخسىيلەرنىڭ قەرز ئېلىشىنى «پۇل كۆيدۈرۈپ قەرز ئېلىش»قا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. توغرا ئىستېمال قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا توغرا ھۆكۈم قىلىپ، كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش، ئاقىلانە قەرز ئېلىش كېرەك. ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسىگە سەل قارىماسلىق، ئاقىۋىتىنى ئويلىشىش، قارىغۇلارچە قەرز ئالماسلىق لازىم، بولمىسا مەبلەغ قىس بولۇپ قالسا، ئاسانلا «قارا ۋاسىتىچى»لارنىڭ قەرز پۇل قىلتىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، پۇل قەرز ئېلىشتا مۇنتىزىم ئورۇنلارنى تاللاش، ئالدامچىلارنى پەرق ئېتىش كېرەك. ئىستېمالچىلار «ئۈچ نەرسىگە قاراش» ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇنتىزىم ياكى ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرسە بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە تىجارەت سورۇنىغا قاراش كېرەك، مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇقىم تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولىدۇ، ھەرگىزمۇ پەقەت بىرلا ئاددىي قەرز بېرىش تور بېكىتى ياكى پەقەت بىرلا QQ نومۇرى ياكى بىر تال يانتېلېفون نومۇرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئالدىنقى مەزگىللىك خىراجىتى ۋە قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىگە قاراش لازىم، «بوسۇغىسى يوق، ئۆسۈمى تۆۋەن» قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرى بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ؛ ئۈچىنچىسى، قەرز پۇل كەسپىنى بېجىرىدىغان رايون ۋە تىجارەت كىنىشكىسىگە قاراش لازىم، مۇنتىزىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، قەرز ئالغۇچى شۇ جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، قەرز پۇل بەرگۈچى ئورگاننىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان-ئالدۇرمىغانلىقىغا قارىسا بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ھوقۇقىنى قوغداشتا ئاقىلانە بولۇش لازىم، ۋاسىتىلىك قەرزنى «ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىك»كە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. ئەگەر بەختكە قارشى «قارا ۋاسىتىچى»نىڭ قەرز پۇل قىلتىقىغا پېتىپ قالغاندا، قانۇن قورالى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىش، توغرا بولغان ھوقۇقىنى قوغداش يولىنى تېپىش كېرەك. ئىستېمالچىلار ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى ساقلاپ قېلىپ، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ