مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بوران-چاپقۇنغا باش ئەگمەي ئالغا ئىلگىرىلەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.09.11 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەقسىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، جۇڭگو خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!» يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنىڭ ئاساسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  يېقىنقى زاماندىن كېيىن جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، سىياسىي ھۆكۈمران گۇرۇھىنىڭ چىرىك، ئىقتىدارسىزلىقى ھەمدە مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاجىزلىق ۋە چېچىلاڭغۇلۇقتىن بولدى. ئىچكى-تاشقى مالىمانچىلىق ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن ۋە ئۆسۈپ يېتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ تارىخىي بۇرچى دەپ بىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداشتا ئەڭ قەتئىي بولدى، مىللىي مەنپەئەتنى قوغداشتا ئەڭ قەتئىي، چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا ئەڭ باتۇر بولدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، مىللەت ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاجايىپ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى ۋە توغرا ئىستراتېگىيە تاكتىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئالغا بېسىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، مۇرەسسەلىشىشكە، پارچىلىنىشقا، چېكىنىشكە قارشى تۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى − جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچتۇر.

  بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەمىزنى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدۈرۈشىمىز، بارغانسېرى پاكلاشتۇرۇشىمىز، بارغانسېرى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز، بارغانسېرى جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىشىمىز لازىم. پۈتۈن مەملىكەتتىكى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، مىللەتلەر، قاتلاملار، ھەر ساھە زاتلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، بوران-چاپقۇنلارغا باش ئەگمەي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق قىرغىقىغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ