شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن- تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2020.09.14 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ ئالىملار ۋە پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم-پەننىڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىش ئىشەنچى، ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار. كەڭ ئالىملار ۋە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىشتە، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن-تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۈ كۇاڭدى، چىڭخۇا داشۆسى گىرەلەشمە ئۇچۇر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياۋ چىجى، شىخۇ داشۆسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شى يىگۇڭ، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن زونىڭ، ئەلىبابا گۇرۇھى تېخنىكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ جيەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇ چياۋمېي، بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى داشۆسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى دەي ۋېي قاتارلىق يەتتە ئالىملار ۋەكىلى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى. شى جىنپىڭ سۆز قىلغان ھەربىر ئالىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قىسىم مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى سۆز قىلدىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ تەتقىقات ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ نۇرغۇن قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپ بەردىڭلار، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كەينى- كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، بىر قىسىم ئالدىنقى سەپ ساھەلىرى تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلاشتىن سۈپەتكە قاراپ ھالقىپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى داۋالاش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ساھەلەردە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ