مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشتا ھۆكۈمەت «سېخىي» بولۇشى كېرەك

2020.09.16 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى قانداق يېنىكلىتىش، مائاش قوشۇش قىزىق تېمىغا ئايلاندى. جېجياڭ جىنخۇا شەھىرىدە يېقىندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ مەمۇرلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. جىنخۇا شەھىرىدە مەمۇرلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوخشاش ۋاقىتتا، ئوخشاش نىسبەتتە ئويلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە يىۋۇدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىللىق مۇكاپات سوممىسى 90 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، يىۋۇدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى %60 ئېشىپ، مەمۇرلارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتتى. يىۋۇدا ھەر يىلى %15 يەر سېتىش سوممىسى ئاجرىتىلىپ، مەخسۇس مائارىپ تۈرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

  جىنخۇا شەھىرى ئاشكارا ھالدا بىر پارچە مائارىپ ھېساباتىنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ مەمۇرلارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلاپ، بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركەزدىن يەرلىككىچە نۇرغۇن سىياسەتلەر چىقىرىلىپ، مالىيەنىڭ مائارىپ خىراجىتىدە ئالدى بىلەن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائاش تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بولۇپمۇ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ مائاشىدىن تۆۋەن بولماسلىق»، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى مەمۇرلارنىڭكى بىلەن باغلاشنى ھەممە ئادەم بىلدى، دېيىشكە بولىدۇ.

  مەمۇرلار قانۇنىدا، دۆلەتنىڭ مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى بەلگىلەنگەن. ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىمۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى ھەمدە پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. لېكىن، بەزى جايلار يەنىلا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى قەغەز يۈزىدە توختىتىپ قويدى. ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ياردەم پۇلىنى ئۇزاق مۇددەت نېسى قالدۇرۇپ، مائارىپ خىراجىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلىۋېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  يېقىندا گۈيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى دافاڭ ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 480 مىليون يۈەن ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش سەتچىلىكى ئاممىنى چۆچۈتتى. دافاڭ ناھىيەسى ئوقۇتقۇچىلارغا ئازراقمۇ «سېخىي» بولمىغان بولۇپ، ئەگەر مالىيەدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، نېمە ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى قىسىۋالىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنى يۇمشاقباش كۆرۈش − مائارىپقا سەل قاراش ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولۇپ، بۇنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا «پىخسىقلىق قىلىش» ئايرىم دېلو ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى مەمۇرلاردىن تۆۋەن بولماسلىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇش − ھەرگىزمۇ يۇقىرى تەلەپ ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك تەلىپى. مائارىپ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش كىرىمى بىلەن مەمۇرلارنىڭ مائاش كىرىمىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ھەقىقىي ئىش قىلىش شەرت. مائارىپ مەسىلىسىدە ئەمدى يەنە «پۇل يوق، يەر يوق، تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت يوق» دېگەندەك باھانە تېپىشقا بولمايدۇ.

  مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ماختاشقا ئېرىشكەن جىنخۇا شەھىرى ئەمەلىيەتتە قانۇن بويىچە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى؛ ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئالقىش سادالىرى قانچە ياڭراق بولغانسېرى، بۇنىڭ ئۈچۈن يۈزى قىزىرىشى كېرەك بولغان جايلارمۇ شۇنچە كۆپ بولۇشى كېرەك. ئاممىنىڭ جىنخۇا شەھىرىگە تەقدىم قىلغان ئالقىش ساداسىنى دائىملىق تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، باشقا جايلارمۇ مائارىپ ھېسابات تالونىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى لازىم، تەلەپكە يەتمىگەنلىرىنى چوقۇم قاتتىق جازالاش كېرەك. 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق بويىچە پاش قىلىش سۇپىسى»نى يولغا قويدى، بۇ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بولدى.

  مائارىپ قانداق بولسا، ئەتىمىز شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، ھەرقانچە نامرات بولساقمۇ، مائارىپ نامرات بولسا بولمايدۇ. مائارىپقا ئوخشاش دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ياكى بەلگىلىيەلەيدىغان باشقا ھېچقانداق بىر ئىش يوق. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى ھەقىقىي تۈردە كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ