مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ خۇنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئاۋانگارت بولۇپ، يېڭى تۆھپە يارىتىش لازىم

2020.09.16 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سۆھبەت يىغىنى 15- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇلۇغ روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە ئاۋانگارت بولۇپ، يېڭى تۆھپە يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلىرى مۇپەسسەل يىغىنچاقلانغان ۋە چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدىكى تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ خىزمەت تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇ كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بولغان بىرلىكنى ساقلاش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۆرىشى مەزگىلىدە، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدۇردى. بىز يەنىلا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ