مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن لىچتېنشتېين دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ لېچتېنشتېين نايىب پادىشاھى ئالوئىس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.09.15 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 14- كۈنى لېچتېنشتېين نايىب پادىشاھى ئالوئىس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لىچتېنشتېين ئارىلىقى يىراق، تارىخ-مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتە ھەمدە دۆلەتنىڭ كۆلىمى جەھەتتە ئوخشاشماسلىقلار بولسىمۇ، لېكىن ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى ۋە پەرقلەر ئۆزئارا دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى توسۇپ قالالمايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لىچتېنشتېين ئارىسىدىكى دوستلۇق ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيىتى دەل چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتەك بۇ بىر مۇھىم خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسىنى ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئىزاھالىدى. مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ھەمدە ئالوئىس نايىب ۋەلىئەھدى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن، ھەمدە جۇڭگو-لىچتېنشتېين دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تىلەيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ