خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە گۈيجوۋدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى بوشاشماي تۈزىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.
جاۋ لېجى ئالدىن بىلەن بىجيې شەھىرىنىڭ ۋېينىڭ ناھىيەسى گېشۇ كەنتىگە بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ۋە كادىرلار ئىستىلى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، بوشىشىپ كېتىش، بوشاڭلىق قىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچلىك، ئۆلچەمگە لايىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى دەل جايىدا نازارەت قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى باشلاپ، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى ئىستىلنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئائىلىلەر، كىشىلەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ