مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش لازىم

2020.09.17 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋۇخەن شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى؛ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇپ، ئىقتىساد سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كەلدى. مەركەزنىڭ خۇبېينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ