مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى پۈتكۈل يەر شارى كارخانىچىلىرىنىڭ ئالاھىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2020.09.17 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 15- سېنتەبىر كەچتە خەلق سارىيىدا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى پۈتكۈل يەر شارى كارخانىچىلىرىنىڭ ئالاھىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىندا سۆز قىلدى ھەمدە كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. سۆھبەت كۆرۈنمە چاستوتا شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى سىۋاب يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دۇنيادىكى 600گە يېقىن كارخانىچى بۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى تېخى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىنمىدى، بۇ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بولدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتكۈل ئىنسانىيەت بولسا تەقدىرداش بىر ئورتاق گەۋدىدۇر. يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىمۇ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق يولىدا مېڭىش زۆرۈر. خىرىس ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشى زۆرۈر، ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى زۆرۈر .

  لى كېچياڭ نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر تەسىرى ئالدىدا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردۇق، ئىقتىساد مۇقىم ئاشتى. يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ھالىتىنى ساقلىدى. بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگودا 120 مىليون بازار سۇبيېكتى بار، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلق. ئەگەر يۈز مىليوندىن ئارتۇق مۇشۇ بازار سۇبيېكتلىرىنى، بولۇپمۇ مىقدارى كۆپ ۋە دائىرىسى كەڭ بولغان مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى ساقلاپ قالالىساق، بۇ يىل شەھەر-بازارلاردىكى 9 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي نىشانىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئاساس سېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ