مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.09.17 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ياخشى يېتەكلەشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ۋە پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى باشلامچىلىق، ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاممىۋىي خاراكتېرلىك كوللېكتىپ تەشكىلاتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى 16- سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ چوڭقۇر تونۇپ، ئىشىنىش، ئىتتىپاقلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش، يېتەكلەش، تەربىيەلەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى مۇكەممەل، توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ