مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش 11-ئاينىڭ 1-كۈنى نەقمەيداندا تىزىملاش باشلىنىدۇ

2020.09.21 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې 20-سېنتەبىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە، 7 مىليوندىن ئارتۇق تەكشۈرۈش خادىمى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىنى تىزىملاشنى رەسمىي باشلايدۇ.

  20-سېنتەبىر، 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىستاتىستىكا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ۋە 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تەشۋىقات ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىلقى ئېچىۋېتىش كۈنىنىڭ باش تېمىسى «چوڭ دۆلەت يوقلىما قىلىدۇ، سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ».

  نىڭ جىجې ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىدە مۇنداق دېدى: 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغان بىر قېتىملىق مۇھىم دۆلەت ئەھۋالى ۋە دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ياخشى قانات يايدۇرۇش − ئېلىمىزنىڭ نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلمىي تۈزۈش، نوپۇس تەرەققىياتى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق.

  نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: «نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەر بىر ئاددىي پۇقرا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن تەپسىلىي، توغرا سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتى ھەمدە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۇللۇق پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيدۇ».

  نىڭ جىجې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 7- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تىزىملاش قانات يايدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ يانفون قاتارلىق كۆچمە تېرمىنال ئارقىلىق شەخسىي ۋە ئائىلە ئۇچۇرلىرىنى مەلۇم قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئالاقە تورى بۇلۇت تېخنىكىسى، بۇلۇت مۇلازىمىتى ۋە بۇلۇت يۇمشاق دېتاللىرى قوللىنىلىپ، پۈتۈن تەرتىپ بويىچە پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. كەڭ ئاممىنىڭ نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى پائال قوللاپ ۋە قاتنىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئەينەن تولدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇ قېتىمقى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، گوۋۇيۈەننىڭ 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ