مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش» سەپسەتىسى بىر بىمەنەلىكتۇر

2020.09.18 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «پويىزدىن چۈشۈپلا بىزنى قارشى ئالغان لوزۇنكىلارنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىللىق ھېس قىلدىم». بۇ يىلنىڭ بېشىدا، گۇما ناھىيەسىدىكى توختى مەمەت يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە جىڭ ناھىيەسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا كېلىپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ كىرىمى مۇقىم، كۈنلىرى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. توختى مەمەت قەلبىدىكى بۇنداق ئىللىقلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش» دەپ بېكىتىلىشىنى ھەرگىز ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر ئىدېئولوگىيەلىك ئاداۋەت ۋە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئىنسانىي ھوقۇقتا قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، پاكىت بىلەن كارى بولماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي ئەھۋالى قانداق؟ بەزى خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئېيتقىنىدەكمۇ؟ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى، سىياسىتى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، جانلىق ئەمەلىي مىساللار «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش» سەپسەتىسىنىڭ بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، پۇختا لوگىكا ئارقىلىق بەزى كۈچلەرنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  سانلىق مەلۇمات ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار مىسال كەلتۈرۈلدى: 2014-يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئەمگەك بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانى 11 مىليون 352 مىڭ 400 دىن 13 مىليون 301 مىڭ 200 گە يېتىپ، %17.2 ئاشتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى بىلەن ماس كېلىدىغىنى كىرىم سانلىق مەلۇماتى. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 200 يۈەندىن 34 مىڭ 700 يۈەنگە كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.6 ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 8724 يۈەندىن 13 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.9 ئاشتى.

  بولۇپمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كەڭ ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كۆڭلى ئازادە ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. شىنجاڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىش ئورنىنى ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ كەلدى.

  كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بەزى كۈچلەر بۇنىڭغا قارىتا «تاللاش خاراكتېرلىك ئەما» بولۇۋالدى، يەنە «ئىنسانىي ھوقۇق» دېگەن نىقاب بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمگەك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئۆزىنى ئايرىۋېتىدىغان بېكىنمە، قالاق، نامرات ھالەتتە ياشىغۇزماقچى بولدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىغا نىسبەتەن ئەكسىيەتچىلىك بولۇپ، ھەققانىيەتنى، تەرەققىيپەرۋەرلىكنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ھەقلىق.

  ئەمگەك قىلغاندىلا تۇرمۇشنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئەمگەك قىلغاندىلا بەخت ياراتقىلى بولىدۇ. بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «ھەممە ئائىلىنىڭ يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش» خىزمەت نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، روھىي قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، كۆڭلى ئازادە بولدى، يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، بۇ «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش» سەپسەتىسىگە ئەڭ كۈچلۈك رەددىيە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ