مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچىنچى قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلارنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

پۈتۈن جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى تەكىتلىدى

2020.09.22 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچىنچى قېتىملىق «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلارنى بايراملىق تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دەل كۈزلۈك ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە مول ھوسۇل ئېلىش مەنزىرىسى بار. بۇ يىلقى مول ھوسۇل ئاسان قولغا كەلمىدى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى، شەرقىي شىمال رايونىدىكى يازلىق تومۇز ۋە قۇرغاقچىلىق، ئۇدا كۆرۈلگەن تەيفېڭ بورىنى قاتارلىقلار ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەي، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت، فاڭجېن ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېزا ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش لازىم. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلارنىڭ پارتىيە ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل ئەتىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ