مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب چېگرا ئىچى-سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى ___

«شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ئىنتايىن مۇكەممەل»

2020.09.21 18:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 14-سېنتەبىر، ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىلىرىغا ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ، بۇ كارخانىلاردىن كۆپ خىل تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى. بۇ قىلمىش ئامېرىكا ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو دائىرىلىرى ۋە كارخانىلىرى شىنجاڭدا «ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ قوللانغان بىر قاتار قارا سۈركەش قىلمىشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق ھەرىكىتىدۇر.

  بېيجىڭ ۋاقتى 17-سېنتەبىر، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇمات ۋە جانلىق مىساللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نامايان قىلىپ، غەربنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى» دېيىشتەك يالغان ئەيىبلىشىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، چېگرا ئىچى-سىرتىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

  «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش› خەۋىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى يوق»

  «كۆز بىلەن كۆرگەن راست. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ئىنتايىن مۇكەممەل». پاكىستان دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەمىر ئاۋان شىنجاڭنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقاا كاپالەتلىك قىلىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش› توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى يوق. ئىشىنىمەنكى، كاللىسى سەگەك كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ خەۋەرلەرگە ئىشەنمەيدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ھەرخىل باھانە تېپىپ، جۇڭگوغا توختىماي ھۇجۇم قىلىشىدىكى مەقسىتى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، دېدى زەمىر ئاۋان.

  «مېنىڭ شۇنچە كۆپ يىللىق كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ۋە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشلىرىمگە ئاساسلانغاندا، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش› توغرىسىدىكى خەۋىرى ئەمەلىي ئەمەس. مەن شىنجاڭغا دائىم بارىمەن، ئەزەلدىن شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقمىدىم. خۇددى ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنغاندەك، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى». قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى ئادىل جۇنۇس مۇنداق دېدى: «مېنىڭ نۇرغۇن تۇغقانلىرىم شىنجاڭدا. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى خىزمىتى يوق نۇرغۇن كىشىلەر يېقىنقى نەچچە يىلدا خىزمەت تاپقان، ئەسلىدە سىرتتا تىجارەت قىلىدىغان بەزى كىشىلەرمۇ يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان. ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولغان».

  ھىندىستان دۆلەتلىك ئىسلام داشۆسىنىڭ دوتسېنتى شاخايلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يۇقۇم مەزگىلىدە، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش› ئەھۋالى كۆرۈلدى، دېيىلدى. بۇ خىل ھېچقانداق ماھىيەتلىك دەلىل-ئىسپات يوق ئەيىبلەشكە ئىشىنىشكە بولمايدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ