شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك خۇنەننىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

2020.09.21 18:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، ئىلغار ياسىمىچىلىقى، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ خۇنەن يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

  9-ئايدىكى خۇنەن تۇپرىقى مول ھوسۇل شادلىقىغا تولغانىدى. 9-ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ، ئۆلكە باشلىقى شۈ داجېنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چېنجوۋ، چاڭشا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، كەسىپلەر باغچە رايونى، مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «14- بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن چېنجوۋ شەھىرىنىڭ رۇچېڭ ناھىيەسى ۋىنمېڭ ياۋزۇ يېزىسى شاجوۋ ياۋزۇ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 1934-يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە بۇ يەردىن ئۆتكەندە تەسىرلىك «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىنى قالدۇرغان. شى جىنپىڭ «يېرىم يوتقان ئىللىقلىقى» مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ، شۇ جاينىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قىزىل ساياھەت ۋە قىزىل تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېرىم يوتقان» ھېكايىسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ۋە خەلقنى كۆزلەش ماھىيىتى تولۇق نامايان قىلىنغان. ئۇزۇن سەپەردە، يولداش ماۋ زېدۇڭ: جۇڭگودا ئىشچىلار، دېھقانلار، ئەسكەرلەر ھەمدە بارلىق جاپاكەش ئاممىنىڭ چىقىش يولى كوممۇنىستىك پارتىيە تەشەببۇس قىلغان جۇڭخۇا سوۋېت ھاكىمىيىتى قىزىل ئارمىيەسىدە، بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز، دەپ كۆرسەتكەن. بۈگۈن، بىز يول ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ قەسىمى ۋە ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلۇپ تەقدىرداش بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملىق ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كەنت مۇلازىمەت مەركىزى داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى مۇلازىمەت خىزمىتى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەنت خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىنى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم بازا قىلىپ ياخشى قۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىشلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تولۇقلاپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنىڭ دەللىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىلارنى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ