مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمگەك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش دەل ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغانلىقتۇر

2020.09.18 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەمگەك ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ماھىيەتلىك پائالىيىتى، ئەمگەك ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمگەك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش دەل ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشتۇر، دەل ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

  9-ئاينىڭ 17-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ئەھۋالى، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى قىلغان بىر قاتار تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى ھەقىقىي خاتىرىلەپ، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشتەك قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى جانلىق نامايان قىلدى.

  ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە باشتىن- ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى يوقاتتى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدۇ، ئەل رايىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىدۇ.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاداۋەت ۋە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئىنسانىي ھوقۇققا قوش ئۆلچەم قوللاندى. ئۇلار پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمگەك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى مەڭگۈ ئۆزىنى ئايرىپ تۇرىدىغان بېكىنمە، قالاق، نامرات ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرگۈزۈشكە ئۇرۇندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى ئەكسىيەتچىلىك بولۇپ، ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان، بارلىق تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى كېرەك.

  ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمگەك بەخت يارىتىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش − خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ