مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش مەشىقى پائالىيىتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان زۆرۈر ھەرىكەت، دېدى

2020.09.17 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 16-سېنتەبىر قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سورالغان سوئالغا بىنائەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش مەشىقى نۆۋەتتىكى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان زۆرۈر ھەرىكەت.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى 9-، 10-، 13-سېنتەبىر ئارقا-ئارقىدىن تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا تەۋەلىكىگە كىردى. بۇنىڭغا قارىتا، تەيۋەننىڭ تاشقى ئالاقە تارماقلىرى ۋە ھەربىي تەرەپ ئايرىم-ئايرىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە «چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەھدىت ئۇچۇرىنى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە مەلۇم قىلدۇق» دەپ جار سالدى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  بۇنىڭغا قارىتا، ماشياۋگۇاڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىپادە بىلدۈردى.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى ۋە كەسكىنلەشتى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى بۇنىڭ سەۋەبچىلىرىدۇر. ئۇلار چەت ئەلگە تايىنىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ «تەيۋەن قارتىسى»نى ئويناپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىكى پېشكىسى بولۇشقا رازى بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ قارشىلىشىشىغا ئۈزلۈكسىز قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ھەدەپ داۋراڭ سېلىپ ھەمدە «مۇستەقىللىق»نى كۆزلەيدىغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، ئۇلار تەھدىت پەيدا قىلغۇچىلار، ئاۋارىچىلىق تاپقۇچىلاردۇر.

  ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز ئەڭ زور سەمىمىيەت، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەرىكىتى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس. بەزىلەرنىڭ تەھدىتنى ھېس قىلىشى پەقەتلا ئۇلارنىڭ تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تۇيۇق يول، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىدۇر، ئۇلار پەقەتلا 23 مىليون تەيۋەن خەلقىگە ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۇنسۇرلىرى ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، «چەت ئەللەرگە ئەرز قىلدى» ھەمدە بۇ ئارقىلىق تەيۋەن جەمئىيىتىنى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇرۇندى، بۇ، ئۇلارنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىشنى خالايمىز، لېكىن ھەر خىل شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. بىزنىڭ بارلىق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» پائالىيەتلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداشقا ئىرادىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ