مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن دۆلەت زاتلىرى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا سىياسەت ئۈنۈمى نامايان قىلىندى، دەپ قارىدى

2020.09.21 18:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 17-سېنتەبىر «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكىلەر، ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى سىرتقا نامايان قىلىنغان بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىتلار ئارقىلىق خەلقئارادىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە سەۋەبسىز قارا سۈركىشىگە كۈچلۈك زەربە بېرىلدى.

  نېپال كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بېشنۇ رىجار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتابتا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقارغانلىقى نامايان قىلىنغان. غەربتىكى قىسمەن تاراتقۇلار ۋە سىياسەتۋازلار شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە بۇرمىلاپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى، بۇنى كىشىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  كورېيە تەنگو داشۆسى سىياسىي دىپلوماتىيە فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى جىن جېنخاۋ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىپ، شۇ جايدىكى ئوخشىمىغان مىللەت خەلقى ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى كۆرگەنلىكىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئۆرپ ـ ئادىتىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى پائال كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

  قىرغىزىستاندىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى شېرادىل باقىتگۇلوف مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ تېز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاق تاشلىق كىتابتا بايان قىلىنغان ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلەر كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇھەممەد نۇئەيمەن جالال مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتاب جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  تۈركىيە مارمارا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى تۇنچ ئاككوچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ