شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا، ئۈمىدىگە ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.09.21 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرىنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بولغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئەقىل-چارە كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈشنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىشىگە، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىغا، ئۈمىدىگە ماس كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە مەخسۇس بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا، خېڭياڭ شەھىرى چاڭنىڭ شەھىرى تاشەن ياۋزۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيۇرېن، شاۋياڭ شەھىرى لۇڭخۇي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭخۇڭ، چاڭشا شەھىرى ۋاڭچېڭ رايونى گۇاڭيۈەن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باش مۇدىرى شياۋ دىڭ، جۇڭگو بىناكارلىق 5-ئىدارىسى باش ھۆددىگە ئېلىش شىركىتىنىڭ سۈپەت باشقۇرغۇچىسى زوۋ بىن، چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھىيەسىدىكى يەككە يۈك تىرانسپورت شوپۇرى لۇڭ بىڭ، خۇنەن رۇيتۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ بوۋېن، شياڭشى ئوبلاستى فېڭخۇاڭ ناھىيەسى لياۋجياچياۋ بازىرى چياۋپۇتاڭ كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جوۋ زۇخۇي، خۇنەن چىچى پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ شۇتىڭ، چاڭشا شەھىرى يۆلۇ رايونى شيەنجياخۇ كوچىسى رۈنزېيۈەن مەھەللىسىدىكى جياڭخەن يۈنيۈن ئاشخانىسىنىڭ ئىگىسى ليۇ چۈەن، خۇنەن جۇڭچۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپكار ئادۋوكاتى يىن خاۋمىڭ قاتارلىق ئون ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلىپ، يېزا-كەنت مائارىپ ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ بىر-بىرلەپ باھا بېرىپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن، جانلىق بولدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقان ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئىچىدە ھەم يېزا، مەھەللە، كارخانا قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەنلەر بار، ھەم مائارىپ، پەن-تېخنىكا، سەھىيە، سىياسىي-قانۇن قاتارلىق سەپلەردىن كەلگەنلەر بار؛ ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بار، ھەم يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى، تور دۇكىنىنىڭ ئىگىلىرى قاتارلىقلار بار. كۆپچىلىك ھەممىڭلار ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىسىلەر، ئىقتىساد، جەمئىيەت تۇرمۇشىغا ئەڭ بىۋاسىتە قاتنىشىسىلەر، ئامما بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقىلىشىسىلەر، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىلەر، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلىرىڭلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلىشالايدۇ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئالاقىدار تەرەپلەر ئەستايىدىل تەتقىق قىلىدۇ، تولۇق قوبۇل قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ