خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-قېتىملىق يىغىنى 9-ئاينىڭ 14- كۈنى جەنۋەدىكى ۋەنگو سارىيىدا ئېچىلدى. ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-قېتىملىق يىغىنى ئىنسانىي ھوقۇق ئالىي خادىمىنىڭ دوكلات قارالمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى مۇنازىرىدە، نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى 15- سېنتەبىر شياڭگاڭ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونى قوللىدى.
ۋېنېسۇئېلا ۋەكىلى قوش ئۆلچەم ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە. ۋېنېسۇئېلا ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشقا، شياڭگاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش − ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق ۋەزىپە، ۋېنسۇئېلا جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، بۇ «ب د ت دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» گە تامامەن ئۇيغۇن.
بۇرۇندى ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇرۇندى جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ قانۇن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»قا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شياڭگاڭ خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. بۇرۇندى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىدا تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، ئالاقىدار تەدبىرلەر تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى ھەقىقىي يوقاتتى، دەپ قارايدۇ. بۇرۇندى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇندىنى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، بۇرۇندىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بۇرۇندى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەقسەت بىلەن شياڭگاڭ، شىنجاڭ قاتارلىقلارغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى سەۋەبسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بۇ، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ، بۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئېفىئوپىيە ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئېفىئوپىيە جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى يولغا قويۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشىغا، شياڭگاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ.
بىرما ۋەكىلى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم»نى يولغا قويۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چاۋشيەن، سۇرىيە ۋەكىللىرى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ۋە قوش ئۆلچەمنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنى شياڭگاڭ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى