مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2020.09.17 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 17- سېنتەبىر «شىنجاڭنىڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تەڭشەش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشكەن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشقان، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن، ئاھالىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشقان. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە شىنجاڭدا ئەمگەك بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليون 352 مىڭ 400 دىن كۆپىيىپ 13 مىليون 301 مىڭ 200 گە يەتكەن، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 200 يۈەندىن 34 مىڭ 700 يۈەنگە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8724 يۈەندىن 13 مىڭ 100 يۈەنگە يەتكەن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: 2020-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن 7 مىليارد 553 مىليون يۈەن كېمەيتىلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى؛ 552 مىڭ 400 ئادەم 1 مىليارد 695 مىليون يۈەنلىك تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى؛ شەھەر-بازارلاردا 339 مىڭ 700 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېڭىدىن 41 مىڭ 800 كىشى ئىگىلىك تىكلەپ، 69 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 31 مىڭ 600 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى، ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە نىزامى›نى يولغا قويۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملار تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھەق ئېلىش، دەم ئېلىش- ئوتپۇسكا، كەسپىي بىخەتەرلىك، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ۋە تېخىمۇ كەڭ مەنىدىكى ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ