شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى

2020.09.22 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادالەتنى ياقلاش، قانۇنچىللىقنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

  جۇڭگونىڭ باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 75 يىل ئىلگىرى، دۇنيا خەلقى قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، دۇنيا فاشىزىمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، ھەققانىيەتنىڭ غەلىبىسى، خەلقنىڭ غەلىبىسى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئىنسانلار ئىككى قېتىم ئېچىنىشلىق ئۇرۇش ئاپىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماس ھالدا بارلىققا كېلىپ، 75 يىللىق ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 يىللىقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلغان 75 يىل. بىز چوڭقۇر، كەڭ كۆلەملىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە سانائەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈۋالدۇق، دۇنيادىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە ئازاد بولۇپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى مىسلىسىز ئاشتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 يىللىقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولغان 75 يىل. كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مىللىي ئازادلىق ۋە دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نەچچە مىليارد كىشى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75 يىللىقى كۆپ تەرەپلىمىلىك تېز تەرەققىي قىلغان 75 يىل. دۇنيادىكى مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ، ناھايىتى چوڭ، يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خىرىسلار كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇنى پەقەت سۆھبەت، ھەمكارلىق ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. خەلقئارادىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك كېڭىشىپ ھەل قىلىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بوران-چاپقۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەسەن-ھۈسەن چىقىدۇ. كەينى-كەينىدىن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنىلا ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، 7 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى مۇجەسسەملىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامسى يەنىلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق قاتتىق سىناق بولدى. ئىنسانىيەت ئالاقە راۋان يېڭى دەۋرگە كىردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق. يەر شارىۋى خاراكتېرلىك تەھدىت ۋە خىرىس كۈچلۈك يەر شارىۋى خاراكتېرلىك تاقابىل تۇرۇشقا موھتاج. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، بىز چوقۇم قاتتىق ئويلىنىشىمىز كېرەك. دۇنيا قانداق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا موھتاج؟ كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟

  شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، ئادالەتنى ياقلاش؛

  ئىككىنچى، قانۇنچىللىقنى قەتئىي ئىجرا قىلىش؛

  ئۈچىنچى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

  تۆتىنچى، دىققەتنى ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىغا تۇنجى بولۇپ قول قويغان دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. بىز باشتىن-ئاخىر كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغدايمىز، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدايمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يادرولۇق رولىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا يېڭى بىر تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھەممىمىز كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەكىتلەشكە بەرگەن قەتئىي ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا تېخىمۇ چوڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ