مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشۇش لازىم

2020.09.25 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى − پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر مۇھىم كۈچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەمىنات-سودا كوپىراتىپ سىستېمىسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنى زىچ چۆرىدەپ، تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. تەمىنات- سودا كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتى ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپىغا ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈك ھەم ۋاسىتىگە ئايلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ كۈچ قوشۇپ، ئېلىمىز تەمىنات-سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشى لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى − دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىگە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارغا پائال تۆھپە قوشتى. تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش باش مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، يېزىلارنىڭ زامانىۋى ئوبوروتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى تەمىنات مۇلازىمىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ 7-قۇرۇلتىيى 24-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ھەم ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش __ تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش باش مەقسەتنى پۇختا ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى پۇختا، كۈچلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ چۈەنتاڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپ سىستېمىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ 600 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپى 6-نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا باش كوپىراتىپىنىڭ نىزامنامىسى»غا قاراپ چىقىلدى ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، باش كوپىراتىپ 7-نۆۋەتلىك كېڭىشى ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى سايلاپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ