شى جىنپىڭ 75-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي تەۋرەنمەي بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ تەرەپلىك يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى؛ جۇڭگونىڭ ب د ت نىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى

2020.09.23 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىر 75-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشى كېرەك. تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى قەتئىي تەۋرەنمەي بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «يېشىل ئەسلىگە كېلىشى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، داۋاملىق دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچىلار، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىدۇ. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ)

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى ۋە ساۋاقلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا بولغان قەتئىي ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلەش بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئېغىر ئاپەت ئالدىدىكى جاسارىتى، ئىرادىسى، غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىپ، قاراڭغۇ زۇلمەتلىك پەيتلەرنى يورۇتتى. ئىنسانلار ئاخىر يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، غەلىبە چوقۇم دۇنيا خەلقىگە مەنسۇپ!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا بىز خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بارلىق بايلىقنى توپلاپ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، بىرمۇ يۇقۇملانغۇچىنى چۈشۈرۈپ قويماي، بىرمۇ بىماردىن ۋاز كەچمەي، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز لازىم. ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلىم-پەن روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھالقىلىق رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشگە تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سىياسىيلاشتۇرۇش، قارا چاپلاشقا قارشى تۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ۋە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، سودا، بازار، ئىش، ئوقۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرتىپى، ھاياتىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم، ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتا قوزغاپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئېتىبار بېرىپ، قەرزنى ئازايتىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋاقتىدا ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»نىڭ ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ