مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستاندا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي قۇشلىرى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى

2020.09.23 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسايېۋا 21-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇيان، قازاقىستاندا تەخمىنەن 54 مىڭ ئۆي قۇشى H5N8 يۇقىرى كېسەل قىلىشچان قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى.

  ئىسايېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قۇش زۇكىمى يۇقۇمى شىمالىي قازاقىستان ئىشتاتىدىن ئاقمورا ئىشتاتى، قوستاناي ئىشتاتى، پاۋلودال ئىشتاتى ۋە كاراگاندا ئىشتاتىغا تارقالدى، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيەگە يېقىن شىمالىي قازاقىستان ئىشتاتىدا قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، جەمئىي 41 مىڭ ئۆي قۇشىنىڭ ئۆلگەنلىكى دوكلات قىلىندى.

  قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ باشلىرىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن چېگرالىنىدىغان رۇسىيە چېليابىنسك ئىشتاتى ۋە ئومسىك ئىشتاتىدا 8-ئايدا قۇش زۇكىمى يۈز بەرگەن. ئىسايېۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى قۇش زۇكىمى بىلەن يېقىندا رۇسىيە چېگراسى ئىچىدە يۈز بەرگەن قۇش زۇكىمى ئوخشاشلا H5N8 تىپلىق بولۇپ، رۇسىيەدىن ئۇچۇپ كەلگەن پەسىل قۇشلىرى ۋىرۇسىنى قازاقىستان چېگراسى ئىچىگە تارقاتقان بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ئۆي قۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى، باقمىچىلىق مەيدانلىرى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىندى، قۇش زۇكىمى يۈز بەرگەن كەنتلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئايرىۋېتىلدى. قازاقىستان سەھىيە تارماقلىرى 1 مىليون 400 مىڭ تال قۇش زۇكىمى ۋاكسىنىسىنى ئۆي قۇشلىرىغا ئەملىدى ھەمدە يەنە 1 مىليون ۋاكسىنا ئەملەشكە تەييارلىق قىلدى.

  يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ شىمالىي قازاقىستان ئوبلاستىدىكى تىرىك قۇش، قۇش گۆشى، قۇش تۇخۇمى قاتارلىق بارلىق قۇش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ھەمدە قۇشلارنى سويۇشقا ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارانتىن تارماقلىرىدىن قۇش زۇكىمى يۇقۇمىنى يېقىندىن نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ