شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

2020.09.24 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن ۋىدېيودا كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللاش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىشى كېرەك. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن تەجرىبە، ئۇسۇللاردىن تولۇق تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھەم ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى داۋاملىق قوللاش ۋە ياردەم بېربېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسى، بولۇپمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھالقىلىق رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە- ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ بولغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى قىلىپ، ۋاكسىنىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىشى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى، لېكىن يىغىنچاقلاپ كۆرگەندە، يەنىلا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر ئۈلگە بولۇشى كېرەك. بىر تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىك قىلغانلار جەزمەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، يەر شارىنىڭ بايلىقى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قەرزىنى ئازايتىش، ياردەمنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردىن ۋاقتىدا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، باي- نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات __ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى شەرت، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش لازىم. جۇڭگو ھەم ئۆزىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان يەر شارى ماكانىنى تىرىشىپ ياخشى قوغداپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يېشىل يىپەك يولى»نى پائال قۇرۇپ چىقىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم يەنە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇنلىشالماسلىق، ماسلىشالماسلىق مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆرۈۋېتىپ قايتا تىكلەش، باشقىچە يول تۇتۇش كويىدا بولماستىن، بەلكى قانداق قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. دۇنيا پەقەت بىر سىستېما، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما؛ پەقەت بىر يۈرۈش قائىدە، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ مىزانى. جۇڭگو ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن قارشىلاشمايدۇ، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، زومىگەرلىك قىلىشنى ئويلىمايدۇ. بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىمىز − 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش. لېكىن، بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيەتنى قوغدايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەقدىرى بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان. دۆلەت، مىللەت، مەدەنىيەت، ئىدېئولوگىيە چەكلىمىسىدىن ھالقىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ياشاشتا تايىنىدىغان يەر شارى ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ