مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى ۋېي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.09.24 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى ۋېينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، لى ۋېي كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى ۋە تۆۋەن چېكىنى يوقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى چۆرۈپ تاشلىغان، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەركەزنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، بەلگىلىمىلىرى بىلەن كارى بولماي، رەزىل كۈچلەر جىنايەت شايكىسىنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەن، دەپنە ئىشلىرىدىن پايدىلىنىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا زىياپەت ۋە ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان؛ شەخسىي ئالاقىدار ئىشلارنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان؛ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات، سوۋغات پۇلى قۇبۇل قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا شەخسىي مەنپەئەت يەتكۈزگەن، سىياسەتكە خىلاپلىق قىلىپ، پاراۋانلىق ئۆي تەقسىم قىلىشتىن تەكرار بەھرىمەن بولغان، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك ھەقنى باشقىلارغا تۆلەتكۈزگەن؛ تۇرمۇشتا ئىسراپچىلىق قىلغان، توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، ئەخلاقى بۇزۇلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، زور سوممىلىق مال-مۈلۈك تەلەپ قىلغان ۋە قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان.

  لى ۋېي پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە خىيانەت قىلىش، پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنى تارتماي، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى»، «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا چارە كۆرۈش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  لى ۋېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لى ۋېي، ئەر، خۇيزۇ، 1966-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن، 1983-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 2004-يىل 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  2012-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 1- ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىمى، شەھەرلىك نەنسەن دۆلەت ئورمان باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  2013-يىلى 1-ئايدىن 2014-يىلى 12- ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى، شەھەرلىك نەنسەن دۆلەت ئورمان باغچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  2014-يىلى 12-ئايدىن 2016-يىلى 8- ئايغىچە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى، شەھەرلىك نەنسەن ئورمان باغچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەھەرلىك نەنسەن مەنزىرە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2016-يىلى 8-ئايدىن 2020-يىلى 5- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2020-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ