مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى 24 سائەت ئېچىۋېتىش خەلققە قولايلىق تەدبىردۇر

2020.09.25 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا «گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى 24 سائەت ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ھازىر نۇرغۇن جايلاردا ئاممىۋى ھاجەتخانىلار ناھايىتى چىرايلىق ياسىلىۋاتىدۇ، ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇق، ئەمما قولايلىق ئەمەس. يېقىندا، بەزى تاراتقۇلار مەلۇم جايدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى: بەزى ئاممىۋى ھاجەتخانا پۈتكىلى نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئېچىلمىدى؛ بەزىلىرى «دەل ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشتى»؛ بەزى جايلاردا ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزارغان بولسىمۇ، لېكىن كەچ بولۇشى بىلەنلا «ئىشىكلەر تاقىلىپ، مېھمان قوبۇل قىلمىدى»، بۇ سەۋەبلىك «ھاجەت قىلىدىغان جاي» ھاجەتنى راۋا قىلالمىدى.

  بەزى رايونلاردا ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ «دەل ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشۈشى» بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپقالدى. باشقۇرۇش خادىملىرى ئارام ئېلىشى كېرەك، ئىش ۋاقتى بويىچە ئىشقا بېرىپ-كېلىشنىڭ خاتاسى يوق، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق خەلققە قولايلىق ئەسلىھەلەرنىڭمۇ بالدۇرلا «ئىشىكنى تاقاپ مېھمان قوبۇل قىلماسلىقى»دىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنىڭ «دەل ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشۈش» ئەھۋالى كۆرۈلۈشى ئاساسلىقى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھاجەتخانىغا قارايدىغان ئادەم بولمىسا، ئاممىۋى ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكتىن بولغان، ئەمما ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى كەلگەندە، ھاجەتخانىنى تاقاپ قويۇش ئۇسۇلى بىرئاز ئاددىي ۋە قوپال بولۇپ قالىدۇ.

  ئاممىۋى ھاجەتخانا ئادەتتىكى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار كۆپرەك باش قاتۇرۇپ ئامال تېپىپ، ئاممىۋى ھاجەتخانىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. بولۇپمۇ «كېچىلىك ئىقتىساد»قا كۈنسېرى ئەھمىيەت بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، كەچتە سىرتقا چىقىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان، يايما ئېچىپ تىجارەت قىلىدىغان ئامما كۆپىيىپ، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى.

  شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ، گۇاڭشىنىڭ يەرلىك نىزام شەكلىدە «ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى 24 سائەت ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۆرنەك قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە، ئېچىۋېتىلگىنى ھاجەتخانا بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئىشىكىدۇر، «ھاجەت قىلىدىغان جاي»نى تېخىمۇ قولايلىق قىلىش − خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى بولۇشقا تېگىشلىك ھېسسىياتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ