مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى سۇ بياۋ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.09.25 17:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى سۇ بىياۋنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، سۇ بياۋ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىدىن ۋاز كەچكەن، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدىن قىلچە ھېيىقماي، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلماي، كادىرلارنى يۆتكەش خىزمىتىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات پۇلى ۋە مال-مۈلۈكنى قۇبۇل قىلغان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەن؛ ئۇ يەنە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن پۇل-مال قۇبۇل قىلىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن.

  سۇ بياۋ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى»، «مەمۇرىي ئورگانلاردىكى مەمۇرلارغا چارە كۆرۈش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، چېتىشلىق پۇل- مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ