مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.09.28 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تاراتقۇلار يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك». ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي ھالقا. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەۋزەللىكىنىڭ يادروسى − ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىدۇر. ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈشتە، پۈتۈن تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى، لېكىن ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بەزى ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۇنى چەكلەپ قويدى. بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مەۋقەنى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. مەسىلەن، پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش، مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى قىس ئىختىساسلىقلارغا قارىتا تېخىمۇ ئاكتىپ، ئوچۇق، ئۈنۈملۈك كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئىختىساسلىقلارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بار، پەقەت يۇقىرى مائاش، يۇقىرى تەمىنات قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرگە تايىنىپلا، ئىختىساسلىقلارنىڭ توپلىنىشى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولغىلى بولمايدۇ. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى تۈزگەندە، بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىيلىكى، مۇۋاپىقلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئويلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى ئېچىش، تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئۆلكە، شەھەرلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى، ئالىي مەكتەپ ئالىملىرى، ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ تارقىلىشىغا قارىتا تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىكىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ