خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى رائۇل كاسترو ۋە كۇبا دۆلەت رەئىسى دىياس كارنېل بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ رائۇل كاستروغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۇبا بولسا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇزاققىچە مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيمەن، سىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ مەڭگۈلۈك ياخشى دوست، ياخشى يولداش ۋە ياخشى قېرىنداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ دىياس كارنېلغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۇبا بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر- بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال تۈردە ئورتاق قۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن كۇبا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرىشىدە جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. مەن جۇڭگو بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ھەمدە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ