مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلىم-پەن روھىنى يەنىمۇ ھۆرمەتلەش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم

2020.09.28 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىنسانلارنىڭ كېسەللىك بىلەن كۈچ سىنىشىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال پەن- تېخنىكا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئېغىر ئاپەت ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يېڭىشى ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە «ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىش»نى يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، «ئىلىم- پەنگە ھۆرمەت قىلىش − جۇڭگو خەلقىنىڭ راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئەمەلىيەت خىسلىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى»، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە، بىز ئىلمىي قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىشنى باشتىن-ئاخىر تەدبىر بەلگىلەش، قوماندانلىق قىلىش، كېسەلنى داۋالاش، تېخنىكىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈردۇق. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مەيلى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بولسۇن ياكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش بولسۇن، ھەممىسىدە ئىلىم-پەن روھىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.

  بىز كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، يۇقىرى پەللىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلەيدىغان ئىلىم-پەن روھى، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئەمەلىيەتچىل بولىدىغان ئىلىم-پەن كەيپىياتى يارىتىپ، شەخسىي غايىنى ئاڭلىق ھالدا دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، بولۇپمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش پەن- تېخنىكا مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدىلىق بولۇش، خەلقنى بېيىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى قىلىشىمىز لازىم.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىقنىڭ يارىتىش ئاساسى مائارىپتا. ئالىي مەكتەپلەر ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش كېرەك، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر تېخىمۇ كۆپ پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە كەسپىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ توغرا قىممەت ھۆكۈمى، ئەخلاق ئۆلچىمى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز غايىسىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەركىن ئىزدىنىدىغان ئاساسىي تەتقىقاتنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق يېتەكچىلىك تەتقىقاتى بىلەن ئەركىن ئىزدىنىشنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشى، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ