مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2020.09.29 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى يىغىن ئېچىپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەم 2035- يىللىق كەلگۈسى نىشاننى بېكىتىشكە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت نىزامى»غا قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەم 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشاننى بېكىتىش ھەققىدىكى تەكلىپى»نىڭ ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى، سىرتىدىن بەلگىلىك دائىرىدە ھەم توردا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ھۆججەت ئارگىنالىنى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئەقىل-چارە سورىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى كەڭ توپلاندى، پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە كەڭ دائىرىدە قۇلاق سېلىندى. بۇ مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنلىرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ «14-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلىدى. جايلار، تارماقلار، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ ئارگىنالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەكلىپ ئارگىنالىنىڭ باش تېمىسى روشەن، مەزمۇنى يۈكسەك، نىشانى ئېنىق، تەدبىرى كۈچلۈك بولۇپتۇ دەپ قارىدى، شۇنداقلا نۇرغۇن ناھايىتى ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەكلىپ ئارگىنالىدا جايلار، تارماقلار، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرلىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىسى تولۇق قوبۇل قىلىندى. بۇ، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلى − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان باسقۇچ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى پەملەپ، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. «13-بەش يىللىق» پىلاننىڭ نىشان- ۋەزىپىلىرى پات ئارىدا تاماملىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى زور سەۋىيەگە يۈكسىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «14-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش شەرت. خەلقنى مەركەز قىلىشتا، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياساپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش شەرت. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق بولغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەھەتتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش شەرت. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىزلىقلارنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، زور خېيىم- خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش شەرت. پىلان تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ