خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنزو بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا جۇڭگو، ئانگولا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پىرىنسىپى بويىچە قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قوللىدى، بىر-بىرىگە ياردەم بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ قارشى تەرەپ دۆلىتىدىكى چياۋمىنلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ ئانگولا تەرەپكە قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. يېقىندا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئانگولاغا ئەۋەتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ