مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم

2020.09.28 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەركەزنىڭ 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەتنى ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىزاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى، بىر قاتار يۆنىلىشلىك، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر.

  مەركەزنىڭ 7-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مۇھىمى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئاساس قىلىپ، «ئون چوقۇم»نى شىزاڭ خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى، ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق، ئوقۇغۇچىلار، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، مەركەزدە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى، بولۇپمۇ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ شىزاڭ خىزمىتىدىكى يادرولۇق ئورنى ۋە ئاچقۇچلۇق رولىنى گەۋدىلەندۈردى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، شىزاڭ قالاق فېئوداللىق يانچىلىق تۈزۈمىدىن سوتسىيالىستىك داغدام يولغا مېڭىپ، نامراتلىق ۋە قالاقلىقتىن مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىنى تاماملىدى. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ بولمىغان بولاتتى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. يېڭى دەۋردە، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ